خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

خىتاي تەيۋەنگە يېقىن جايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئۇقتۇرۇلمىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى 14-ئۆكتەبىر تەيۋەنگە يېقىن جايدا يېڭى بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ۋە بۇ مانېۋىرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئەمما مانېۋىرنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن.

ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې دۆلەت بايرىمى نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەنگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئارالنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىپ كەلگەن خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە دەرھال ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرق قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئۆتكۈر قىلىچ-2024B» مانېۋىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ۋە تەيۋەننىڭ شىمالى، جەنۇبى ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باياناتتا يەنە: «بۇ مانېۋىر تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش. بۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قوغداشنىڭ قانۇنىي ۋە زۆرۈر تەلىپى» دەپ جار سېلىنغان.

لەي چىڭدې بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك تەشەببۇسىنىڭ پاكىتقا پۈتۈنلەي زىت، ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تەيۋەننىڭ بىر ئالىي بىخەتەرلىك ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەن پورتى ۋە خەلقئارا سۇ يولىنى قامال قىلىش ۋە چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشىقى قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل ماي ئېيىدا تەيۋەنگە يېقىن جايدا ئىككى كۈنلۈك «ئۆتكۈر قىلىچ-2024A» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما رەت قىلىنغان. ئۇ يەنە: «پەقەت تەيۋەن خەلقىلا ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ ۋە بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى رەت قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 92 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2024 11:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق