خىتاي كان شىركىتىگە قارشى قوزغالغان نامايىشتا ئىككى گىۋىنېيەلىك قازا قىلدى

گىۋىنېيەنىڭ شەرقىدىكى خىتاينىڭ بىر كان شىركىتىگە قارشى نامايىش قوزغالغان بولۇپ، نامايىشتا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا كەم دېگەندە ئىككى پۇقرا قازا قىلغان.

گىۋىنېيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ 14-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، شەنبە كۈنى مالى چېگراسىغا يېقىن كونكويدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي شىركىتىگە قارشى نامايىشتا يەنە تۆت ئادەم يارىلانغان بولۇپ، تەخمىنەن 40 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

گىۋىنېيەنىڭ يەرلىك مۇخبىرى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بۇ نامايىشنى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىتاي ئالتۇن قېزىش شىركىتىنىڭ رايون مۇھىتىنى بۇلغىشى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى سەۋەبلىك قوزغىغانلىقىنى ئېيتقان. نامايىش جەريانىدا نامايىشچى خەلق خىتاينىڭ مۇنبەت يەرلەرنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ شوئار توۋلىغان.

مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، تەخمىنەن 25 ياشلاردىكى بىر ئەرنىڭ كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ قازا قىلغان، ئىككى ياشقا توشمىغان بالا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنى سۈمۈرگەندىن كېيىن بوغۇلۇپ قازا قىلغان.

توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا كەنتتىن قېچىپ چىققان بىر كىشى مۇخبىرلارغا: «بۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئەھۋال مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا راست ئوق-دورا ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بېرى خىتاي شىركەتلىرى گىۋىنېيەدە نۇرغۇن كان ئاچقان بولۇپ، بۇ يەردە مول بائۇكسىت زاپىسى، شۇنداقلا تۆمۈر رۇدىسى ۋە ئالتۇن زاپىسى بار ئىكەن. گەرچە دۆلەتتە مول تەبىئىي بايلىق بار بولسىمۇ، 2021-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان ھەربىيلەر دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. مەزكۇر غەربىي ئافرىقا دۆلىتى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي شىركىتىگە قارشى نامايىش شىددەتلىك باستۇرۇلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 115 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2024 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق