ھىندىستان خىتايغا قارشى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

ھىندىستان قوشنا دۆلەتلەرگە پائال ياردەم قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشماقتا.

نىيۇيورك پوچتىسى گېزىتىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ يېقىن قوشنىلىرى ئارىسىدا سىياسىي داۋالغۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، مودى ھۆكۈمىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىدىن كەلگەن مەبلەغ ئارقىلىق، خىتاي بىلەن تەسىر كۈچى جەھەتتىن رىقابەتلىشىشكە باشلىغان.

2022-يىلى سىرىلانكا ئىقتىسادىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھىندىستان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەن. ھىندىستان قوشنا دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پائال ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان قوشنا دۆلەت بۇتانغا بۇ يىل بەرگەن ياردەم مىقدارى ئىلگىرىكى ياردەم سوممىسىنى بىر قاتلاپ، بەش يىلدا بىر مىليارد دوللارغا يەتكەن. ھىندىستان يەنە بېنگالدىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى نەچچە مىليارد دوللارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بېنگال رەھبىرى بۇ يىل 8-ئايدا ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن.

ھىندىستاننىڭ خىتايغا قارشى كۈچ توپلاش پىلانىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلەنگۈچى مالدىۋې بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇيىز ئۆتكەن يىلى «ھىندىستان چىقىپ كەتسۇن» شوئارى بىلەن سايلامغا قاتناشقان ۋە ھىندىستاندىن مالدىۋېدىكى بىر كىچىك ھەربىي ئەترەتنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ دۈشەنبە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك، ئايالى بىلەن بىرگە ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ 750 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردىمىنى قوبۇل قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2024 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق