ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتى Temu نى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ھىندونېزىيە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Temu نى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى گۇگۇل ۋە ئالما شىركىتىدىن خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Temu نى ئەپ بازىرىدىن چەكلەپ، ھىندونېزىيە ئابۇنىتلىرىنىڭ چۈشۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئۆز دۆلىتىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئىكەن.

گەرچە ھىندونېزىيە خەلقى Temu ئارقىلىق مال سېتىۋالمىسىمۇ، ھىندونېزىيە ئالاقە ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرى بۇدى ئارى سېتيادىنىڭ (Budi Arie Setiadi) ئېيتىشىچە، ئالاقىدار ئورگانلار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى قوغدىشى كېرەك ئىكەن.

بۇدىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، Temu نىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلاردىن بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا مەھسۇلات سېتىش ئارقىلىق، باھانى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش سودا ئەندىزىسى ساغلام بولمىغان رىقابەت ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرى ھىندونېزىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئەگەر خىتاي شىركىتى Temu ھىندونېزىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە مەبلەغ سالسا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Shein غا ئوخشاش شىركەتلەرگە قارىتا چەكلەش تەدبىرلىرىنى پىلانلىغان.

نۆۋەتتە Temu، ئالما ۋە گۇگۇل شىركەتلىرى بۇ ھەقتە باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2024 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق