خىتاي پاكىستاندا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدا خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا قارشى ھۇجۇملار  ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي رايوندىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئۆكتەبىر خىتاي شىركىتىگە تەۋە ماشىنا ئەترىتىنىڭ 6-ئۆكتەبىر پاكىستاننىڭ كاراچىغا جايلاشقان جىننا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ پاكىستانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 8-ئۆكتەبىر ئىسلامئابادقا يېتىپ بېرىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنى پاكىستاندا تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي خادىملىرى، ئورگانلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە، ئىسلامئاباد بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتىكەن. خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان بىر قاتار ئەجەللىك قوراللىق ھۇجۇملاردىن كېيىن پاكىستاندىكى خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش ۋە بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان يېڭى پىلانغا يېتەكچىلىك قىلماقتىكەن.

پاكىستان تەرەپ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاكىستان تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىش نىيىتىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى سەۋەبلىك، بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. يېڭى يولغا قويۇلماقچى بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خىتايلارنىڭ ئىش ئورنىغا بىرونېۋىك بىلەن بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 96 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2024 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق