لوپنۇر ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 02:00 دە لوپنۇر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.88 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.12 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 17 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 46 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2024 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق