شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى يېڭى مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى 11-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى يېڭى مەركىزىي ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، مۇراسىمغا ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بېغىشلىغان جامائەت ئەربابلىرى، پېشقەدەم ئۇستازلار، تەشكىلات رەئىسلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدىكى زاتلار ئىشتىراك قىلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ مۆيدىنئوغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ۋە شۇنداقلا گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ياشلارغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى سۇندى.

ئۇلار ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى قۇرۇلغاندىن بېرى ياشلارنى داۋا سېپىگە قوشۇپ يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر دەۋرگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى، شۇڭا ياش ئەۋلادلارنى توغرا بولغان دىنىي قىممەت قاراش بويىچە تەربىيەلەش، ياشلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانغا لايىق ھالدا مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

مۇراسىمدا يەنە يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئەزالىرىدىن مەھمۇت قەشقەرى مەرھۇم شائىر مەمتىلى تەۋپىقنىڭ «ئىزچىلار مارشى»نى دېكلاماتسىيە قىلىپ، مېھمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. قىسقا دۇئادىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا زاتلار يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 129 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2024 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق