دوكلات: يەر شارى دورا تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق

خەلقئارادا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر قىسىم تىرىشچانلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەر شارىۋى دورا سانائىتى يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان دورا تەركىبلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئېغىر دەرىجىدە تايانغان.

«ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى» (C4ADS) 8-ئۆكتەبىر «ئەكس تەسىر: يەر شارى دورا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان باغلىنىشى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق تەرىقىدە داۋام قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەرنىڭ تۈزۈپ چىقىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن بۇيان، ئېنىق بولمىغان سانلىق مەلۇمات مۇھىتى، مۇرەككەپ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى توسالغۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق يوچۇق ئېچىپ بەرگەنلىكى، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار ۋە ئاخىرقى ئىستېمالچىلار يېمەكلىكتىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللارغىچە بولغان مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن ئىستېمال قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىككىنچى چوڭ دورا بازىرى بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنمىغان. بۇ مەھسۇلاتلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە تۆۋەن ئېقىمدىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ چوڭ بازار خەۋپىگە دۇچار قىلغان.

C4ADS ئاممىۋىي ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ دورا سانائىتىگە سىڭىپ كىرىش جەرياندىكى مۇھىم ئامىللارنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنغان 76 تۈرلۈك دورا مەھسۇلاتى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرى بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ دورىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش خەۋپى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ياپونىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان دورا شىركەتلىرىگە ئىجازەتنامە بەرگەنلىكى ئاشكارا بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بولغان نەچچە مىليون خەلقنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ دورا سانائىتىگە ئوخشاش بىر قىسىم ساھەلەرنىڭ ئېمبارگو تورىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 79 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2024 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق