ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار خىتايلارنىڭ يارىسىغا تۇز سەپتى

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى 10-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان خىتاي پۇتبول كوماندىسىنى نەق مەيداندا تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈردى.

10-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ئاۋسترالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خىتاي كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقە 2026-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان ئۈچىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بولۇپ، ئاۋسترالىيە پۇتبول كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن خىتاي كوماندىسىنى يەڭگەن.

مۇسابىقە جەريانىدا ئادلەيد شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى توپ مەيدانىغا كىرىپ، خىتاي توپچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ «يارىسىغا تۇز سەپكەن». پىدائىي ياشلار توپ مەيدانىدا خىتاي كوماندىسىنى قوللىغان تاماشىبىنلار بىلەن توپچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېگىز كۆرۈپ، ئىشغالىيەتچى خىتايغا بولغان قارشىلىقى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭ قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي كوماندا ئەزالىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى مەيدان باشقۇرغۇچى خادىملىرىغا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ھەمدە باشقۇرغۇچىلارغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى مەيداندىن ئېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەيدان باشقۇرغۇچىلىرى خىتايلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بايراقنى يىغىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن. ئەمما ئۇيغۇر ياشلار مەيدان باشقۇرغۇچىلىرىغا: «ئاۋسترالىيە دېموكراتىك تۈزۈمىدىكى ئەركىن دۆلەت، بىزگە بايراقنى ئېلىۋەت دېيەلمەيسىز» دەپ رەددىيە بەرگەن. مەيدان باشقۇرغۇچىلىرى ئامالسىز قالغان.

شىكايىتى كارغا كەلمىگەن خىتاي كوماندىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ بايراقنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغان. بۇنىڭغىمۇ قارشىلىق كۆرسەتكەن ياشلار: «جۈرئىتىڭ بولسا بايراقنى بىز بىلەن قوشۇپ سۈرەتكە تارتقىن» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ياشلىرى يەنە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، توپ مەيداندىكى مېدىيا ئورگانلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ لەپىلدەتكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ۋە ياشلار، تەنتەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى سالاھىدىن ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە شەھەرلەردە خىتاي قاتناشقان پۇتبول مۇسابىقىلىرى بولۇپ قالغان تەقدىردە نەق مەيدانغا بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈشى مۇھىم. چۈنكى توپ مەيدانىدا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مېدىيا ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆرگەن خىتاي چىدىيالمايدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئادەم شۇنچە كۆپ مەيدانغا تىكلىنىشىنى خالىمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ قېتىمقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە چىدىماي، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار ئورگانلارغا شىكايەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، شۇ دۆلەتتىكى تەشكىلات، شەخسلەرگە تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىداكىرانە ھەرىكىتى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن خەلقئارا پۇتبول ساھەسىگە ئالاقىدار خادىملار ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دىيالوگ شەكىللىنىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 122 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2024 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق