تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت 10-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى يەتكۈزدى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت 10-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىلتىماسلىرىنى تەستىقلاشنى تېزلىتىش، نوپۇسنى تەستىقلاش ۋە ئىقامەت (تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى) بېرىش جەريانىدا خىتايدىن ئالاقىدار ئىسپات ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىش قىيىنچىلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە كود قويۇلۇش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇن بولمىغان تەرىقىدە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى، تۈركىيە سىرتىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 71 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2024 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق