ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىددىي قارار ماقۇللىدى

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىددىي قارار ماقۇللاپ، خىتاينى پىروفېسسور ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 10-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى جىددىي قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس پىروفېسسور ئىلھام توختى، پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباس ۋە تۇتقۇندىكى باشقا مەھبۇسلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان بۇ قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مەزكۇر قارار ياۋروپا پارلامېنتىدا 540 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 23 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 47 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە ماقۇللانغان. قاراردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇت چەكلەش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش قاتارلىق باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى مەۋجۇت» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا پىروفېسسور دوكتور ئىلھام توختى بىلەن دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي پىروفېسسور ئىلھام توختىنى 2014-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.

دوختۇر گۈلشەن ئابباس بولسا 2018-يىلى سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. كېيىن ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 75 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2024 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق