خىتاي يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخپىي توشۇغان

خىتاينىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخپىي توشۇغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇندىن ئىلگىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان قويۇپ بېرىش ئورنىغا يۆتكىشى، بۇ بومبىلار يىراقتىكى بازا ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەينەن ئارىلىدىن جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بېرىلىشى خىتاينىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىدىكى بىر مۇھىم سىناق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خىتاينىڭ 25-سېنتەبىردىكى قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى باھالىغان ئالتە بىخەتەرلىك ئانالىزچى ۋە تۆت دىپلومات بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە بۇ قېتىمقى كەم ئۇچرايدىغان بومبا سىنىقىنىڭ خىتاي يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدىكى سىياسىي ئۇچۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يادرو كۈچىنى تەشۋىق قىلىشتا رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستراتېگىيەلىك دىپلوماتىيەمۇ مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەگە خەۋەر قىلغان. ئەمما بەزى تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر خىتاي تېخىمۇ زىچ بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئارقىلىق رەقىبلىرىگە يېتىشىۋېلىشنى ئويلايدىكەن، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن.

خىتاي رايوندىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئاۋسترالىيەگە مانېۋىردىن پەقەت بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى ئاندىن ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ راكېتا قىسمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە بومبا سىنىقى قىلغان بولۇپ، 2021-يىلى تەخمىنەن 135 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. خىتاي بومبا سىناقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يىراق قۇملۇق رايونلاردا ئىشقا ئاشۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 45 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2024 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق