HRW: خىتاي ياپونىيەدىكى تەنقىدچىلەرنى پاراكەندە قىلماقتا

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ياپونىيەگە كۆچۈپ كەلگەن، خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كىشىلەرگە تەھدىت سالغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى پاراكەندە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەت ئەلدە تۈرلۈك جەمئىيەتلەر بىلەن بىرگە خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىشىنى ياكى خىتايغا قارشى سەزگۈر ​​سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى تېپپې كاساي بۇ ھەقتە: «خىتاي رېجىمى قىلچە تەپ تارتماستىن ياپونىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىشىنى توستى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چەت ئەلگە سوزۇلغان قارا قولىنىڭ ياپونىيەگە كېڭىيىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 2024-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلاردىن ياپونىيەگە كۆچۈپ كەلگەن 25 كىشىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى خىتاي تەرىپىدىن خىتايغا قارشى ياكى بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت، دەپ قارالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىگەن، تىبەت مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغان ياكى كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، موڭغۇل خەلقىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىنى قوللايدىغان ئەسەرلەرنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق نامايىشى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان كىشىلەر ئىكەن.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر قانچە كىشى ئۈندىدار پاراڭلىرى، سىنلىق سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ سىنلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە تەمىنلىگەن.

بىر زىيارەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2024-يىلى خىتاينىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان، ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. يەنە بىر كىشى ئەسلىدە زىيارەتنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ زىيارەتنى رەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قانچە ئۇيغۇر ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئارقىدىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارغا ئۈندىدار ئارقىلىق بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ياپونىيەدە خىتاينى تەنقىد قىلىشنى توختىتىشىنى ياكى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە، جۈملىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2024 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق