خىتاي تۈركىيەنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

خىتاي تۈركىيەنىڭ خىتاي ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالغانلىقىغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم تاراتقۇلار خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىدىن: «ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا ۋە باشقا ماشىنىلارغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي تۈركىيە ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. بۇ ھەقتىكى كونكرېت ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟» دەپ سورىغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋاب بېرىپ، 8-ئۆكتەبىر خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ۋە باشقا ماشىنىلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش ۋە ئىمپورت ئىجازەتنامە چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كېڭىشىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى يەنە تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا ماشىنىلارغا %40 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى ھەمدە ئىمپورت ئىجازەتنامىسى چەكلىمىسى قويغانلىقىنى، بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان تەدبىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى تىپىك سودا قورۇقچىلىق ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي باياناتچى يەنە: «بىز تۈركىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى دەرھال تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ جار سالغان ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى سانائەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2024 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق