خىتاي پۇقرالىرىدىن پاكىستاندا ئېھتىياتچان بولۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىدىن يېقىنقى مەزگىللەردە پاكىستانغا بېرىپ قالغان تەقدىردە، ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا پاكىستانغا ساياھەتكە بارغاندا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا: «يېقىندا پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ قالغان بولۇپ، دائىم بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە. بۇ سەۋەبلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى خىتاي پۇقرالىرىغا پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى تولۇق چۈشىنىشنى، پاكىستانغا ساياھەتكە بارغاندا ئېھتىياتچان بولۇشنى، بەلۇجىستان، كېپ ئۆلكىسى قاتارلىق خەتەرلىك رايونلارغا بارماسلىقنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ» دېيىلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا پاكىستاندىكى خىتاي خادىملىرى، ئورگانلىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تېخىمۇ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 83 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2024 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق