تەيۋەن خىتاينىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى

تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەيۋەنگە تەۋە سەزگۈر دېڭىزدا خىتاينىڭ بىر بېلىقچىلىق پاراخوتى ۋە پاراخوتتىكى توققۇز پاراخوت خادىمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ۋەقە 9-ئۆكتەبىر تەيۋەننى خىتاي بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان سەزگۈر تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تەيبېي كونتروللۇقىدىكى دايشو ئارىلىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن.

تەيۋەن تەرەپ تارقاتقان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتى خىتاي پاراخوتىنى قوغلىغان. ئارقىدىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خادىملىرى پاراخوتقا چىققان بولۇپ، پاراخوتتا تەخمىنەن بىر توننا ئېغىرلىقتا بېلىق تاپقان.

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى بېلىقچىلىق پاراخوتىنى قوغلىغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ۋە سۇ زەمبىرىكى ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر بېلىقچىلىق پاراخوتى چارشەنبە كۈنى دايشو پورتىغا سۆرەپ كېلىنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋام قىلماقتىكەن.

تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز چەكلەنگەن دېڭىز رايونىمىزدا رۇخسەتسىز يۈرگەن ياكى مەشغۇلات قىلغان چوڭ قۇرۇقلۇق پاراخوتلىرىغا قارىتا زۆرۈر قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىمىز، قانۇن ئىجرا قىلىش مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.

يېقىندىن بېرى خىتاي تەيۋەنگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق ناچارلاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2024 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق