خىتايدا ياسالغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار بېرما خەلقىنى تالاپەتكە ئۇچراتماقتا

بېرما ئارمىيەسىنىڭ ئەجەللىك ھاۋا ھۇجۇملىرىدا خىتايدا ياسالغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، پۇقرالار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن سېتىۋالغان ئالتە دانە FTC-2000G تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بېرمىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بېرما ئارمىيەسىنى ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلىشىنىڭ توقۇنۇشنى ئۇزارتىپ، پۇقرالارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

FTC-2000G غا ئوخشاش خىتاي تەمىنلىگەن كۈرەشچى ئايروپىلانلار ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئەۋزەللىكىنى ساقلىشىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، بېرمانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلق ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر تۈركۈم ئايروپىلان 2024-يىلى 8-ئايدا بېرما ئارمىيەسىگە يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ بېرما ئارمىيەسى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى تۈركۈم FTC-2000G تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىكەن. ھەربىي ھۆكۈمەت 2022-يىلى 11-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە بۇ خىل كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئېرىشكەن.

ھەربىي تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  2022-يىلى 15-دېكابىر بېرما ھاۋا ئارمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا خىتايدا ياسالغان كۈرەشچى ئايروپىلان FTC-2000G كۆرسىتىلگەن. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئايروپىلانلارنىڭ بۇ يىل 12-ئايدىكى ھاۋا ئارمىيە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۆرسىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 95 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2024 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق