تارباغاتايدا يېڭىدىن بايقالغان ئالتۇن مىقدارى 24 مىڭ توننىدىن ئاشقان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئالتۇن كانلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مىقدارى 24 مىڭ توننىدىن ئاشقان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەش ھەرىكىتىگە تايىنىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى گېئولوگىيەلىك چارلاش تۈرىدىن 72 نى يولغا قويغان. بۇ باسقۇچلۇق چارلاشتا ھازىرغا قەدەر تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن رۇدىسى مىقدارى جەمئىي 8 مىليون 916 مىڭ 500 توننا، ئالتۇن مىقدارى 24 مىڭ توننا 93 كىلوگىرام بولغان. بۇنىڭ ئاساسلىقى تولى ناھىيەسى جارۇۋساق ئالتۇن كېنىنىڭ كۆپەيگەن ئالتۇن مىقدارى 3527 كىلوگىرام، تولى ناھىيەسى كەپتەر ئۆڭكۈرى ئالتۇن كېنىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن مىقدارى 12 مىڭ كىلوگىرام ئىكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بايقالغان تۈرلۈك قېزىلما 153 خىل، ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى 103 خىل بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىق زاپىسى خىتاي بايلىقنىڭ %88 ى ۋە %63 ىنى ئىگىلەيدىكەن. 77 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىكەن. بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» مالىيەسى چىقارغان مەبلەغ بۇلتۇرقى 150 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلگەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىنى قېزىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 55 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2024 19:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق