فىلىپپىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، رايون جىددىيچىلىكى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زور كۆلەملىك دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىننىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيىتى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، فىلىپپىن، ئامېرىكا ۋە باشقا تۆت دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى تەيۋەننىڭ شىمالىغا يېقىن بولغان فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلى قىرغىقىدا دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىنى نامايان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا «ساما ساما» دەپ نام قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ «ئىتتىپاقلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا ئاۋسترالىيە، كانادا، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىندىن كەلگەن مىڭغا يېقىن ماتروس ۋە باشقا خادىملار قاتناشقان بولۇپ، پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش ۋە ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مايور گېنېرالى تود سىمىكاتا مانىلانىڭ غەربىدىكى سۇبىك پورتىدا مۇخبىرلارغا: «بۇ مانېۋىر ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق تەھدىتكە قارشى ئۈنۈملۈك توسۇق پەيدا قىلالايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما سۆزىنىڭ ئاخىرىغا مانېۋىرنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى قوشۇپ قويغان.

سىمىكاتا يەنە: «بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ئىغۋاگەرچىلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ماسلىشىشنى ياخشىلاش. ھەر قايسى تەرەپلەردە قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەر بار، شۇڭا بىز ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا بىز بۇ ئۆلچەملەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ توققۇز كۈنلۈك مانېۋىردا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوتى USS Howard، كانادانىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى «ۋانكوۋېر» ۋە CH-148 تىك ئۇچار ئايروپىلانى قاتارلىقلار مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان قوغدىنىش قىسمى شىنمېيۋا سانائىتى US2-دېڭىز ئارمىيەسى ئايروپىلانى ۋە كاۋاساكى P-1 دېڭىز چارلاش ئايروپىلانىمۇ فىلىپپىننىڭ ئۇرۇش پاراخوتىغا ئوخشاشلا مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 54 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2024 19:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق