16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

4-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا باشلانغان 16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

6-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «خىتاينىڭ يۈكسىلىۋاتقان كۈچى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى» ماۋزۇسىدا بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئاراغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسلىرى قاتارلىقلار ئانالىز قىلىندى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن ھاجى رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان يىغىندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئىلمىي تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان دوكتور ئادرىيان زېنىز «مەجبۇرىي ئەمگەك، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» تېمىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇۋەققەت رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي-غەرب توقۇنۇشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا، سېربىيە مۇفتىسى سەنەد خالىتوۋىچ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىدا توختالدى. 

يىغىن ئاخىرىدىكى ئەركىن سوئال-جاۋاب بۆلۈمىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

ئارقىدىن 4-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرىينىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى. بۇنىڭ باش تېمىسى «خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان نوپۇزى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇسىدا بولۇپ، دوكتور ئىسام ئابدۇششافى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىرى ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا، پىروفېسسور دوكتور مۇھەممەد ئەسسام لاۋرۇسسى «شىمالىي ئافرىقا رايونىدا ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، پىروفېسسور دوكتور مەسئۇد سەبرى «ئۈممەت ئالىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشتىكى رولى» تېمىسىدا، پىروفېسسور دوكتور ئىسام فائۇر مالكاۋى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رولى» تېمىسىدا، مۇستافا ئاشۇر «ئەرەب ۋە ئىسلام مېدىياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا، خالىد ئەل شەرىف «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا خەلقئارا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش» تېمىسىدا توختالدى.  يىغىن ئاخىرىدا يەنە قاتناشقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى. 

ئارقىدىن 5-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى. 

«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش» باش تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا پىروفېسسور دوكتور ئەفەندى سالىھ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مېخانىزملىرى» تېمىسىدا، ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى سۇجىت كۇمار «خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن جازالاش» تېمىسىدا، دوكتور قادىر تېمىز «چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى، تەھلىل ۋە تەۋسىيەلەر» تېمىسىدا، ئادۋوكات خەيرۇلئەنۋەر ئىسمائىل «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى  ۋە رولى» تېمىسىدا، پىروفېسسور دوكتور ئابدۇللاھ ئەشئەل «خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

سۆز قىلغۇچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئاخىرىدا ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش يوللىرى، پۇرسەتلەر، قىلىشقا بولىدىغان تۈرلۈك تەكلىپلەر، باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدىكى مىساللار، خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى ۋە ئۇنى تۇتقا قىلىپ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە ۋە تەھلىل قىلدى ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ياش پىراكتىكانتلارنى تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە مەزكۇر ئىككى ئايلىق پىروگراممىدا ياشلارنىڭ قايسى ساھەلەردە تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

ئارقىدىن 6 – قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىينىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى» باش تېمىسىدا داۋام قىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، پۇرسەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى سابىق رەئىسى ۋە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىممەت قاراشلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. 

ئۇلار سۆزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى ۋە خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىردىنبىر چارە ئىكەنلىكى ۋە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاسىتىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

7-ئۆكتەبىر ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويغان 16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئادەم تۇراننىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى. 

ئارقىدىن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى مۇھەممەد ئەلى ئاتاۋۇللاھ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، مالايشىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ۋەكىلى رىزۋان، ھىندونوزىيە تەرپەدان ئىنستىتۇتى رەئىسى نائۇفەل ئۇبەيدۇللاھ قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىينىڭ رىياسەتچىلىكىدە «خەلق دىپلوماتىيەسى-يېڭى پۇرسەتلەر ۋە تەشەببۇسلار»، «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىك كىرىزىسى، ئالدىنقى ئەۋلادنىڭ يېڭى ئەۋلادلارغا مەدەنىيەت كىملىكىنى يەتكۈزۈشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى خەلقئارالىق تەشەببۇسلار»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلارنىڭ رولى- تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» قاتارلىق ئايرىم-ئايرىم تېمىلار ئاساسىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان يېپىق يىغىنلارنىڭ خۇلاسىلىرى مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئوت يۈرەك پائالىيەتچى مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر تەرىپىدىن ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يېڭىدىن ئىخچاملانغان ھالدا تەييارلانغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەشر قىلىنىدىغان «يۈز مەشھۇر ئۇيغۇر» كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. 

ئارقىدىن خەلقئارا پەيغەمبەر ئەنسارلىرى ھەيئىتى رەئىسى ئۇستاز مۇھەممەد سەغىر سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ چوقۇم بارلىق ھەقلىق دەۋالارغا ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى، ئادالەت ئىگىلىرىگە غەلىبە ئاتا قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ زېمىندىكى قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ يولدا ئۇچرىغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ، توسالغۇلارنىڭ ھەقىقىي دەۋاچىلار بىلەن يالغانچىلارنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن بولغان سىناق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ 16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى بىلەن يىغىن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 145 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2024 19:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق