پاكىستاندا ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى

خىتاي پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى.

سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ كاراچى شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلارنى تېزدىن قولغا ئېلىشىنى ۋە سوتقا تارتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى بىلەن بىرگە باشقا كىشىلەرنىڭمۇ يارىلانغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 6-ئۆكتەبىر پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاراچى شەھىرىدە جىنناھ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا خىتاي ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە بومبا ھۇجۇمى قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بەلۇج ئازادلىق ئارمىيەسى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئۈچ نەپەر چەت ئەل پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان خىتاي شىركىتى بولۇپ، كاراچىنىڭ شەرقىدىكى قاسىم پورتى تېرمال ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىنىڭ ھۆددىگىرى ئىكەن.

پاكىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2024 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق