16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى

16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 4-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا باشلاندى.

2009-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى، ئاكادېمىكلار، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەر، تەشكىلاتلار قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىش بۇ يىل 16-يىلىغا قەدەم قويدى.

ئۆتكەن 15 يىل جەريانىدىكى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئىدىيەۋى ئىتتىپاقلىق، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تونۇش ۋە مىللىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى.

بۇ يىلقى 16-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 5-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئىستانبۇلدىكى گىرىن پارك مېھمانخانىسىدا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن رەسمىي باشلاندى.

تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە دۇنيا شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ دەۋانىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيەتتىن بۇيانقى كۈنسېرى قەبىھلەشكەن تۈرلۈك جىنايەتلىرىگە ئەگىشىپ تەڭ كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان بۇ ھەقلىق دەۋانىڭ ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن مۇستەقىللىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئىچىدىكى دەۋا ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ دەۋانىڭ مەۋجۇت بولۇش ياكى يوقىلىش باسقۇچىدىكى سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، مۇرەككەپ قىيىنچىلىق، ھەرخىل توسالغۇلار، دۈشمەننىڭ خىلمۇخىل سۇيىقەست ۋە ھىيلىگەرلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، مۇستەقىللىق نىشانى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دەۋاغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بۈگۈن دۇنيا پەلەستىندىكى قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم قەتلىئام داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇرۇش رايونغا يېيىلماقتا. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بارلىق تەشكىلاتلارنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ۋە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ،: «دۆلەت قۇرۇش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ شەرەپلىك ئىش بولسا كېرەك. ئەجدادلىرىمىز يېقىن تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى بىلەن دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالمىدى ۋە ئىشغالىيەتتىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ مىللەتنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن يوللارنى سىناق قىلدى ۋە خەلقنى نادان قالدۇرۇش، سىرتتا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن تىرىشتى. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە چەت ئەلگە چىققان ئاز ساندىكى خەلقىمىز بارا-بارا تەشكىللىنىپ جەمئىيەت قۇرۇپ پائالىيەت قىلىشقا باشلىدى. مانا بۇ ھەرىكەتمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش 2006-يىلى تۈركىيەدە كىچىك بىر جەمئىيەت شەكلىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات كۈنسېرى كۈچىيىپ، مانا ئەمدى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كۈچلۈك بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى. پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپلا قالماي، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزمۇ بۇ دەۋانىڭ پىداكارلىرىغا ئايلاندى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مالايشىيا ئاماناھ نېگارا پارتىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسئۇلى راجا داتو ھاجى قەمەرۇل بەھرەين شاھ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتايغا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى بېسىمنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكتە خىتايغا بېسىم قىلىشى بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، قىلالىغانلىرىنىڭمۇ پەقەت سۆز بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پاسسىپلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ياۋروپا ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ھەيسەم ئەلھەدداد سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەززەلىك ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۈچلۈك ئاۋاز چىقىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھارۇن ئارماغان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى تىز پۈكمەس بىر ئىرادىنىڭ، سۇنماس روھنىڭ بىر ھېكايىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ بىر مۇجادىلىسىدۇر. ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى بىلىمەن، شۇنداق بولسىمۇ مۇجادىلە روھى بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ياشلارنى بىلىمەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان بۇ دەۋانىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە ھەر قاچان يېنىڭلاردا بولىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى سۇجىت كۇمار ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ئۇچرىشىشقا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭمۇ ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە ھەرقانداق ئىشغالىيەتنىڭ ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى بارلىق ئاماللار ۋە يوللار بىلەن ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقلىق ھەرىكەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئالجىرىيە پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلئەنى مۇسامىدا ئەپەندى سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جۈمە خۇتبىلىرىدە ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتۇق، ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلايدىغان ۋە بۇ مەسىلە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدىغان ھالغا كەلدى. بۇ يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە دەۋاسى ئۈچۈن خەيرلىك نەتىجىلەرگە سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مالايشىيا ئالىملار بىرلىكى رەئىسى داتو ۋان مۇھەممەد ئابدۇلئەزىز سۆز قىلدى. ئۇ مالايشىيانىڭمۇ نۇرغۇن ئىشغال ۋە زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، مالايشىيا خەلقىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قانداق قولغا ئالغانلىقىنى قىسقا سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنى قۇتقۇزۇشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

ئارقىدىن ماراكەش ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكى رەئىسى دوكتور ھەسەن ئەلقەتتانى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى رەئىسى مەھمەت گۈنەي سۆز قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خۇددى غەربىي تۈركىستان دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندەك چوقۇم ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى، زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى توختاۋسىز كۈرەش ۋە مۇجادىلە نەتىجىسىدە روياپقا چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلار چوقۇم ئەنە شۇ خەلقنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنى ھاياتىدا ياشايدىغانلاردىن بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز زېھنىيىتى باشقا پىكىر-ئېقىملارغا ئېغىپ كەتكەن، ئۆز خەلقىنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە ياتلىشىپ كەتكەنلەردىن بولماسلىقى كېرەك. بۇ دەۋانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بۇنىڭدىن ئىبارەت» دېدى.

ئارقىدىن ھىندونېزىيە مۇھەممەدىيە جامائىتى ئىرشاد رەئىسى تۇئان فەھمى سەلىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇنىڭدەك مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا» دېدى.

ئارقىدىن خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى رەئىسى نەجاتى جەيلان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى قان-ياشلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن 1949-يىلىدىكى خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ھەر زامان تۇرالىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ھەم بۇ ئاخىرقى نۇقتىغىچە داۋام قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سىربىيە مۇفتىسى سەنەد ھەمىدوۋىچ سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى، كۈچلەنگەن كۈن دەل زۇلۇملارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلالىغا يېقىنلاشقان كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئەييۇب ئاقبال سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلەر مۇسۇلمانلارنى جىددىي ئويغىتىشى كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ يوللۇق دەۋانىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور مۇھەممەد ۋالى سۆز قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن بوسنىيە مەدەنىي غايە ۋەقفى رەئىسى ئەبۇ بەكىر يەھيا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بوسنىيەنىڭ يېقىن تارىخىدا باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ ھېچكىمگە نامەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ھەقلىق دەۋاسىدا چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىككە پاتماستىن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ دەۋانى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن ئالبانىيە ئېھسان ۋەقفى رەئىسى كوراب كايا ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ كوممۇنىست پاجىئەسىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇمنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، بۇ دەۋادا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيەدە تونۇلغان ئاخباراتچى ئابدۇراھمان ئۇزۇن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، بۇ دەۋانىڭ قايسى روھتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىنچىكە توختالدى.

ئارقىدىن سۇرىيە تۈركمەن جەمئىيىتى رەئىسى ئەھمەد ئاغاچ سۆز قىلىپ، سۇرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن مالايشىيا ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى رەئىسى ئەنۋەر ئىسمائىل سۆز قىلدى. ئۇ: «قەلبىمدە ۋە روھىمدا يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان بىر ئوت بار. نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسىدا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان پاجىئەلەر ھەرگىزمۇ پەقەت سىياسىي سەۋەبلىك چىقىۋاتقان نىدالار ئەمەس، بەلكى بۇ بىزنىڭ ئىمانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى بۇ خەلقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان قەبىھ بىر ھەرىكەتتۇر. بۇنىڭغا قارشى قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ھەرىكەتنى قىلىشقا تەييار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مىسىرنىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئەشئەل سۆز قىلدى ۋە مىسىر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن ئايرىم ھەيئەت تەشكىللەشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەيئەتكە پائال ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدا گۇرۇپپىسى بولغان بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەكىللىنىۋاتقان يېڭى دۇنيا سىستېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ۋەھشىي جىنايەتلەرنى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىنتايىن ھىيلىگەرلىك بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئىسلام دۇنياسىنى قايمۇقتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئېھتىياج بارلىقىنى، بۇ ھەقلىق دەۋانىڭ چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيە پىرېزىدېنتى باش مەسلىھەتچىسى ئايخان ئوغان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مائارىپ جەمئىيىتى قۇرۇلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ بۇ دەۋانىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ توختىماي قىلىنغان مۇجادىلە نەتىجىسىدە بۇ كۈنلەرگە كەلگەنلىكىنى، بۇ دەۋادا ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق قەھرىمانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى بىر ھەق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشى كېرەك بولغان بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقى ھېچقاچان قۇللۇققا باش ئەگكەن خەلق ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەنە شۇ روھقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دەۋانى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى خىتايغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە قولغا كەلتۈرگەنلىرى بىلەن ئايرىلغانلىرى ھەققىدە ھېساب-كىتاب قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئالىي مەسلىھەت ھەيئىتى ئەزاسى دوكتور جامال ئابدۇساتتار سۆز قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇجادىلىسىنىڭ ھەق مۇجادىلە ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەتنىڭ چوقۇم باتىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ دەۋا ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىدا، ھەرىكەتلىرىدە، تەييارلىقلىرىدا، قىسقىسى ھەر ئىشىدا بۇ دەۋاغا لايىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بىر تەييارلىقتا بولۇشنىڭ بۇنىڭدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇل يېڭى يۈز يىل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى مۇدىرى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قانداق شارائىتتا، قانداق قىيىنچىلىق ئىچىدە باشلانغانلىقىنى ئەسلەش بىلەن باشلىدى ۋە ئاشۇ كۈنلەردە بۇ دەۋانى باشلىغانلارنىڭمۇ بىر كۈنلەردە بۇ دەۋانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت، ھەر خەلقتىن بۇ دەۋاغا چىن كۆڭلىدىن ئىگە چىقىدىغان بىر قوشۇن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى، ئەمما ئىزچىللىق ۋە سادىقلىق بىلەن قىلىنغان بۇ دەۋانىڭ بۈگۈنكى بۇ ھالغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان مۇشۇنداق زاماندىمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەكلىكىنى، غەلىبىنىڭ بۇ دەۋانىڭ ئاخىرقى قىزىل ئالمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

5-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن كۇۋەيت، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يىغىننىڭ مەخسۇس تېمىلارغا ئايرىلغان مۇھاكىمە ۋە تەھلىل لېكسىيەلىرى بۆلۈمى باشلاندى ۋە بىرىنچى بۆلۈمدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مىللەتكە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ۋە نەتىجىلىرى» باش تېما قىلىنغان ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېقىنقى ئون يىلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى پەرقلىق نۇقتىلاردىن ئانالىز قىلىندى.

پاتىمە ئەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت مەجىد تۈركىستانىي «76 يىللىق ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «خىتاينىڭ دىن سىياسىتى ۋە ئىسلامغا تۇتقان پوزىتسىيەسى» تېمىسىدا، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەر ئۇيغۇر «يېقىنقى ئون يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈر ئۆزگىرىشلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

مۇھاكىمە ئاخىرىدىكى ئەركىن سوئال-جاۋاب بۆلۈمىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن تېمىغا ئالاقىدار سورىغان تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى.

ئارقىدىن داۋام قىلغان ئىككىنچى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى «خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك تەھدىتلىرى» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ بۆلۈمدە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن دوكتور ئۆمەر قۇل «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە خىتاي-تۈركىيە نۇقتىسىدىن نەزەر» تېمىسىدا توختىلىپ، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى، ئاياللار ھوقۇقى مۇتەخەسسىسى دوكتور شادىيە راھمان «خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى، قەرزگە بوغۇش تەدبىرلىرى ھەمدە رايوندىكى يېڭى تەڭپۇڭلۇقلار ھەققىدە توختالدى.

ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىشلار ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور ياشار سارى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى، نوپۇز تىكلەش ئۇرۇنۇشلىرى، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ھىندىستان جاۋاھارلال نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدىن پىروفېسسور، دوكتور ماھىش رانجان دىباتا «جەنۇبىي ئاسىيادا خىتاينىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى ئون يىلدا خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈچىيىۋاتقان تەسىرى، شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى، خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پىروفېسسورى، دوكتور سېجى نىشىھارا «خىتايدىكى يېڭى يىپەك يولى تۈرى ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن ئەكس تەسىرى، خىتاينىڭ يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ھىندىستان بىلەن بولغان سۈركىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈرلۈك ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيە، مۇنازىرلىرى بىلەن داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 4074 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2024 20:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق