گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلىرى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلدى

گېرمانىيەلىك تۈرك يۇتۇبېر ئەنەس كاپلى قاتارلىق ياشلار شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنى ئالداۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

گېرمانىيەلىك تۈرك يۇتۇبېر ئەنەس كاپلى قاتارلىق بىر نەچچە ياش بۇ يىل ماي ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 24-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا تارقاتقان «ۋەيران قىلىنغان قەبرىلەر» ماۋزۇلۇق سىننى تارقاتقان. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە تۈرك ياشلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش مەشھەتكە جايلانغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي خادىملىرى ياشلارنى مازارلىققا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن قەبرىستانلىقنىڭ قورۇ دەرۋازىسىنى قۇلۇپلاپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلالمىغان ياشلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

تۈرك ياشلار شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەر كۈنى خىتاينىڭ ماراقچىلىرى ئۇلارنى يول بويى كۆزىتىپ ماڭغان. بۇ فىلىم نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تارقىتىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھالدا بەھۇزۇر ياشىماقتا» دېگەن يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام ئەللىرىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

گېرمانىيەلىك ھەسەن قاتارلىق تۈرك ياشلار شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە، بۇندىن ئىلگىرىكى كۆپ سانلىق زىيارەتچىلەردەك خىتاي كۆز بوياش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ساختا ئۇسسۇل مەيدانلىرى، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ياساپ چىققان كۆرگەزمىلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە مەسچىتلەر، مازارلارنى ئارىلاپ ئەھۋال ئىگىلەشكە، ئامال بار ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشقان. بىراق ئۇيغۇرلار ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقۇپ يېقىن كەلمىگەن. خىتايلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈشكەن.

ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بارغاندا، دەرۋازىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەشھۇر مەقبەرىنى زىيارەت قىلىدىغان بىرمۇ زىيارەتچى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار دەرۋازىنىڭ ئېچىلىشىنى خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان. تۈرك ياشلار ئامالسىز مەقبەرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مازارلىقنى ئايلانغان بولۇپ، مازارلىقنىڭ ۋەيرانە ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئەخلەتلەرگە توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنغان ۋە دۇئا قىلىپلا ئايرىلغان.

ئۇلار بۇ قېتىملىق زىيارىتى جەريانىدا كۆپ سانلىق زىيارەتچىلەر بايقىيالمىغان ياكى قەستەن كۆرمەسكە سالغان، خىتاي ئىزچىل يوشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن چاقماي قويۇپ قويغان مەسچىتلەرنىڭمۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك تاقالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكىرىلەپ ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاشكارا ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلماننىڭ قالمىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سالام قىلىشتىنمۇ چەكلىنىپ، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان.

يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، دىنىي باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا تۈرلۈك تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

ئۇندىن باشقا، خىتاي يەنە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چەت ئەلگە چىقىشىغا شەرتلىك رۇخسەت قىلىش، چەت ئەلدە خىتايغا ماسلىشىپ ياكى خىتاي بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن قىسمەن ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە بۇ جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەندى. خىتاي ئىچكى تەشۋىقات ۋە سىياسەتلىرىدە بولسا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلارغا ئوخشاش خىتايغا سېتىلمىغان بىر قىسىم زىيارەتچىلەر قاتتىق نازارەت، چەكلىك ئىمكانىيەت ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ، ئىنسانىي، دىنىي بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2024 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق