دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ 75 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە نۆۋەتتە قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى.

جۈملىدىن، 1-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان 100 نەچچە ئۇيغۇر ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى «تاجاۋۇزچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» تېمىسىدا نامايىش قىلغان.

بۇ قېتىمقى نامايىش ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئىستوكھولمدا ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئارلىرى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

29-سېنتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا 75 يىللىق خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى دېموكراتچى خىتايلارمۇ قاتناشقان. نامايىشتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ئوقۇلغان. نامايىشتا ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى خىتاينىڭ 75 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى بايانات ئوقۇپ ئۆتكەن.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 29-سېنتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىش خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قولىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە كانادا بايرىقىنى تۇتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

1-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئادېلەيد شەھىرىدە خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 75 يىللىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر نامايىش ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. نامايىشچىلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 75 يىللىقىغا ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرخىل شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، قاتتىق شوئار توۋلىغان.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 75 يىللىقىغا قارشى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 75 يىل جەريانىدا ئىجرا قىلغان قاباھەتلىك باستۇرۇش جىنايەت تارىخى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ھەمدە خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى باستۇرۇشلىرىدا ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى جەريانىدا شېھىت قىلىنغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 103 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2024 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق