ئىستانبۇلدا 75 يىللىق خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ۋە نۆۋەتتە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرخىل جىنايەتلىرى كۆرسىتىلگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ياشلاردىن ئىبراھىم سىدىق مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بېرى، تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما 75 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا باش ئەگمەي كەلگەنلىكىنى، قانچىلىغان مۇجاھىدلار شېھىت بولغان بولسىمۇ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ماھىيەتتە مۇستەقىللىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە يىغىلغان خەلق مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلماي كەلدى. بارلىق دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا، شۇنداقلا ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئارقىدىن خوجا ئەھمەد يەسەۋىي جەمئىيىتىنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئەت ئەزاسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساقا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى، بۇ دەۋادىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىللەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئۆزجان جايلا سۆز قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ھېسابنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سۆز قىلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆز دەمىر تۈرك خەلقى ۋە مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ داۋام قىلغىنىغا 75 يىل بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا مىليونلىغان خەلقنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقىنى، باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت بولمىغانسېرى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى، تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئەرزان دەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى، تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ تۈركىيەدىكى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن دىنىي چەكلىمە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا تور دۇنياسى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ: «ھەر قېتىم شەرقىي تۈركىستان خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلىغىنىمدا مېنى يىغا باسىدۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى، دېموكراتىيە مەسىلىسى قاتارىدا مۇئامىلە قىلغىنىنى كۆرگىنىمدە قۇسقۇم كېلىدۇ. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم ئىنگلىزچە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۆلىمالار ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئۈچ نۇقتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىنىڭ بىر قىسمى؛ ئىككىنچى، ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىمانىي مەجبۇرىيەت، سىياسىي مەجبۇرىيەت، ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ۋە پەرز دەپ قارايدۇ؛ ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يىلدا بىر-ئىككى قېتىم يىغىلىپ نامايىش قىلىپ قويۇش بىلەن ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس. 75 يىلدىن خىتايغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قىلالمىغانلىقىمىزنى ئەسلىشىمىز، بۇ خاتالىقىمىزنى تونۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئاخىردا ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن كوللېكتىپ دۇئا قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 80 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2024 18:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق