خىتاينىڭ قېزىلما بايلىق مونوپوللۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خىتاينىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىقلارغا بولغان مونوپوللۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 79-يىغىنى 30-سېنتەبىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا بىلەن 13 ئىتتىپاقداش دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن تەركىب تاپقان «كان مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئىتتىپاقى» يىغىن مەزگىلىدە «كان مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك پۇل-مۇئامىلە تورى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ پۇل-مۇئامىلە تورى ئىشتىراك قىلغۇچى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلەشمە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل، بىخەتەر ۋە سىجىل ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى يىغىنىدىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى نىيۇيورك شەھىرىدە قېزىلما بايلىق ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇنبىرى (MSP) ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇنبەر ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەبىئىي بايلىقلارغا باي ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، كونگو، دومىنىكا، ئېكۋادور، فىلىپپىن، سېربىيە، تۈركىيە ۋە زامبىيە قاتارلىق يەتتە يېڭى ئەزا دۆلەت مۇنبەرگە قوشۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەمكارلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، مۇداپىئە، تېلېگراف، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئالەم قاتنىشى، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى، شامال تۇرۇبىسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىگە چېتىلىدىكەن. بۇ كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى لىتىي، كوبالىت، نىكېل، سىيرەك توپا، گاللىي، گېرمان، نېئودىي، ئانتىتېلا، تانتال، تىتان قاتارلىق زور مىقداردىكى ئاچقۇچلۇق مىنېرال ماددىلارغا تايىنىدىكەن.

ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ۋە نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا ھارىس 25-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي تەكلىپ لايىھەسىدە، ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار زاپىسى قۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2024 18:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق