بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 3.4 بال يەر تەۋرىدى.
خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 07:08 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.01 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.68 گىرادۇس) 3.4 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ