قورچاق ئەمەلدار ئەمەرجان ئاۋۇت تەكشۈرۈلمەكتە

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەمەرجان ئاۋۇت ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 27-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەمەرجان ئاۋۇت ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغان. نۆۋەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قورچاق ئەمەلدار ئەمەرجان ئاۋۇت 1986-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى يايلاق پونكىتىدا ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇزاق ئۆتمەي مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى بولغاندىن باشلاپ، 2012-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 8-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولغان. كېيىن ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، 2021-يىلى 2-ئايدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن مابەينىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلققە ئىجرا قىلىپلا قالماي، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغان. ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش»، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن باھانىلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرۇپ، تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان. بۇ جەرياندا مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانغان، ئارقىدىن باشقا ساھەلەردە خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارمۇ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 118 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2024 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق