ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خىتاي كومپارتىيەسىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خىتاي كومپارتىيەسىنى توسۇش قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئارقىلىق خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا زىيان يەتكۈزگەن پۈتۈن خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، %60 پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە باستۇرۇشىغا جازا يۈرگۈزۈش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. ئەگەر بۇ قانۇن يىل ئاخىرىغىچە كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللانسا، ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى، ئۇلارنى خوڭڭوڭ، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە سىياسىي تۈزۈلمىسىگە زىيان سالغان ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قانۇن لايىھەسى 25-سېنتەبىر ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنغاندا قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان. قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئامېرىكا مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ مەيدانىغا يېقىن بولۇپ، پىرېزىدېنت ئىشخانىسى مۇزاكىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مەمۇرىي باياناتىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنى توسۇش قانۇنى» دەپ قىسقارتىلىپ ئاتالغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن رەھبەرلىك قاتلىمىغا جازا قوللانسا ۋە ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنسە، خىتاي، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئالاقە يوللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلىش پۇرسىتى يوقىلىدىكەن. نەتىجىدە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇقىمسىزلىشىپ، دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىكەن.

پىرېزىدېنت ئىشخانىسى ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزۈشتەك ئېلاستىكلىق سىياسەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنداق بولغاندا، ھۆكۈمەت نىشانلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قانۇن لايىھەسىدە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسىنى بۇزغانلىقى، تەيۋەن خەلقىگە قارىتا پاراكەندىچىلىك، تەھدىت ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسلەر ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ۋە ئىنسانىي ھوقۇلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرگە جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى 205 ئەزادىن تەركىب تاپقان مەركىزىي كومىتېت ۋە 171 كاندىدات ئەزانى كۆرسىتىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە مەزكۇر 300 دىن ئارتۇق ئەمەلدارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئاياللىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

گەرچە خىتاي دائىم ئامېرىكىنى تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئامېرىكىدا ياشاپ، ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغانلىقى، ھەتتا ئامېرىكىدا مال-مۈلكى بارلىقى ھەممىگە ئاشكارا بىر ئەھۋال بولۇپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 95 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2024 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق