تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيانىڭ دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 28-سېنتەبىر مالايشىيادا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قىزى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى نۇرۇل ئىززاھ ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشكەن.

ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بۇ جەرياندا باش مەسلىھەتچى نۇرۇل ئىززاھ خانىمغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرغان.

مەزكۇر دوكلاتنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، دىنىي چەكلىمە، ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتى قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 50 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2024 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق