ھىندونېزىيە مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

28-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھىندونېزىيە مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان. مەزكۇر ئورۇنغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملار تونۇشتۇرۇلدى.

فېستىۋالدا يەنە زىيارەت قىلغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، جۈملىدىن خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 51 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2024 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق