رۇسىيەنىڭ خىتايدىكى ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان مەخپىي تۈرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ خىتايدا يىراق مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان ياساش مەخپىي پىلان تۈرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى 25-سېنتەبىردىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ خىتايدا مەخپىي ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان رۇسىيە شىركەتلىرىگە ئەجەللىك ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 25-سېنتەبىر ياۋروپادىكى بىر ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئىككى مەنبەسى ۋە كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرگە ئاساسەن مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ خىتايدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان يىراق مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىش ۋە ياساش تۈرىنى قۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىر باياناتچىسى خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ سودا ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپات يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئەجەللىك ياردەم بەرمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا خىتاي رېجىمىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى يەنە بۇ سودىلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئالاقىدار تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نىشانغا يېتەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باياناتچى يەنە ئامېرىكىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايقالغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىتاي شىركەتلىرىگە دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قايسى بانكىلارنىڭ جازا يۈرگۈزۈلگەن رۇسىيە شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن سودا قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 103 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2024 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق