ئامېرىكا پارلامېنتى خىتايغا قارشى بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا پارلامېنتى تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداش ئارال دۆلەتلىرى بىلەن، خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى 25-سېنتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يۈز نەچچە بەتلىك داۋاملىق مەبلەغ ئاجرىتىش قارارىنى ماقۇللىغان. قارار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن 20 يىللىق بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەن.

ئامېرىكا «ئەركىن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى»گە ئاساسەن پالاۋ، مارشال تاقىم ئاراللىرى ۋە مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىكەن. بۇنىڭ بەدىلىگە بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى، دېڭىز تېررىتورىيەسى ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا ئايرىم كىرىشىگە يول قويىدىكەن. ھەمدە خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ پورتلىرى ۋە كەڭ دېڭىز تېررىتورىيەسىگە كىرىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا 20 يىل ئىچىدە تىنچ ئوكياندىكى بۇ ئۈچ ئارال دۆلىتىگە يەتتە مىليارد دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىكەن. دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئېد كېيس ئامېرىكا ئاۋازىغا بەرگەن باياناتىدا، چارشەنبە كۈنى قارار قىلىنغان ۋاقىتلىق چىقىم لايىھەسىدە بۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئېد كېيس بۇ ھەقتە يەنە: «بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا پالاۋ خەلقىگە بولغان ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەپ، بۇنى ئورتاق كەلگۈسى ئۈچۈن تولۇق ھەمكارلىشىش دەپ قارىدى ھەمدە پالاۋغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرۇشتۇر. بۇ خىل بېسىم خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش غەرىزىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ» دېگەن.

پالاۋ پىرېزىدېنتى سۇرانگېل ۋىپس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئاۋازىغا: «بۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە پالاۋ خەلقىنى خاتىرجەم قىلىش ئامېرىكا خەلقىنىڭ پالاۋ خەلقىگە يوللىغان مۇھىم ئۇچۇرىدۇر» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 90 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2024 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق