پاكىستان ئۆلىمالار ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

پاكىستاندىكى ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشى يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. ئون كۈنلۈك زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن راغىب خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلىشىدىغان سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشىنىڭ بايانلىرىغا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىدا ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد راغىب ھۈسەيىن نەئىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يېقىندا خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىشقا ئاشقان بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز قارىشىنى بۇرمىلاش، كۆز بوياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشى 25-سېنتەبىر فېيسبۇك ھېسابىدا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېڭەشنىڭ رەئىسى مۇھەممەد راغىپ ھۈسەيىن نەئىمى باشچىلىقىدىكى 11 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتىنى تاماملىغان.

بۇ جەرياندا ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شىئەن شەھەرلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەيئەتنى شىئەن شەھىرىكى قەدىمىي مەسچىت، قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى»نى زىيارەت قىلدۇرغان ھەمدە  خىتايغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، مەمەت جۈمە قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان مەزكۇر ئاتالمىش دىنىي زاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن بايانلار ئارقىلىق، زىيارەت ئۆمىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىسلام نەزەرىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى راغىب نەئىمى: «خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان مۇسۇلمان ئۆلكىسى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئىجابىي سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك يولىغا قەدەم قويۇپتۇ. خىتاي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىبادەت ئورۇنلىرىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپتۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكى نارازىلىق باياناتىدا بۇ بايانلارنىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دىنىي باستۇرۇش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي قەشقەر شەھىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى خەلقئارادا تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاسترىتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش يېڭى قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى، باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغان. بۇ پىلان داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلانغان چەكلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تاشقى دۇنياغا جار سالماقتا.

بۇلتۇر 19-ئۆكتەبىردىمۇ ھىندونېزىيەدىن بىر ئاتالمىش «دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانىدى ۋە زىيارەتتىن كېيىنكى قالايمىقان بايانلىرى سەۋەبلىك، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 89 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2024 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق