خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تۈرلۈك ساھەلەردە تەسىرىنى كۈچەيمەكتە

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرىنى تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ رەزىل پىلانى بويىچە، خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنىنى ئۈرۈمچىدە تەشكىللىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-سېنتەبىر خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي باش سودىيەسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سوت مەھكىمىسى بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە ئورتاق كېڭەشكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

يىغىندا قازاقىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئارسلانبېك مېرخالىيېوف، قىرغىزىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زامىربېك بازاربېكوف، تاجىكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شىرمۇھەممەت شاۋشىيان، ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئىسلاموف ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئايرىم-ئايرىم بولۇپ سۆز قىلغان.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر چېگرا ھالقىغان سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمى، ئاتالمىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق، زەھەر، چىرىكلىك، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى ۋە دۆلەت ھالقىغان قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئۈنۈمىگە كۈچ قوشۇش تېمىلىرىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئۆتكۈزگەن.

يىغىن ئاخىرىدا ئاتالمىش «خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى باياناتى» ماقۇللانغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرى، شەنشى ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» ئەمەلدارلىرىدىن چېن مىڭگو، قورچاق ئەمەلداردىن دىلشات سايىم ۋە دىۋىزىيە سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلار قاتناشقان. ئۇندىن باشقا يىغىنغا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى شەخسلەر ھەمدە خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتناشقان.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تەدرىجىي تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رەزىل مەقسىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا بولغاندىن باشلاپ روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. شۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىپ  كەلمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانى يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى تور دۇنياسىدا ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، 2020 يىلى خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» دېگەن يازمىلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئاخىرىدا قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەنىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلار مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردىكى يەرلىك خەلققە قاراتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي ئاققۇنلار ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2024 18:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق