خىتاي ئىقتىسادنىڭ كاساتلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتاي 2024-يىلى ئىقتىسادىنىڭ %5 ئەتراپىدا ئۆسۈش نىشانىغا يەتمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى تارقاتقان يىغىن خۇلاسە خەۋىرىدە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، بازارنىڭ چوڭلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئىقتىسادتا يېڭى ئەھۋاللار ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مۇزاكىرە قىلىنغان يېڭى مەسىلىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنمىغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ زور كۆلەمدىكى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئائىلىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىكى ئىستېمالغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىك خىتاينىڭ تاشقى سودىسىغا كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خىتاي كېلەر يىلدىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئاستا-ئاستا ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆزگىرىش بولۇپ قالغانىدى.

بۇ قېتىمقى سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، خىتاي رېجىمى بىر قاتار ئىقتىسادنى ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۆي-مۈلۈك قەرز نىسبىتىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆسۈمنى ئەڭ زور كۆلەملىك تۆۋەنلىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2024 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق