بايدېن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىگە قارشى ۋىيېتنام رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋىيېتنام رەھبىرى سۇ لىن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن 25-سېنتەبىر ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بۇ سۆھبەتنىڭ مەقسىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان ۋىيېتنام بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

تۇنجى قېتىم رەھبەر سۈپىتىدە ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان سۇ لىن نىيۇيوركتىكى ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە بايدېن بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشۈشتە ئۆتكەن يىلى ئېرىشكەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانداق تېزلىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

سۇ لىن كۆرۈشۈشتە بايدېننىڭ ئامېرىكا-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىكى تارىخىي تۆھپىسىنى ماختىغان. بايدېن كۆرۈشۈشتە ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغانلىقىنى ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەمكارلىقنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېن يەنە ئۇلارنىڭ دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكى ۋە قانۇن ئۈستۈنلۈكىگە بولغان ۋەدىسىدە بىردەك مەيداندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ سۆزىدە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايوندىكى دېڭىز ماجىراسىغا ئىشارەت قىلغان.

ۋىيېتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، سۇ لىننىڭ بايدېنغا ۋىيېتنامنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، دوستانە ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 98 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2024 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق