تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن گۈلزۆھرە خانىمغا ئوردېن تەقدىم قىلىندى

2001-يىلى ئۇدا 17 كۈن يۈگۈرۈپ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەن گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاھقا قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى مۇۋەپپەقىيەت ئوردېنى تەقدىم قىلدى.

ئوردېن تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 24-سېنتەبىر زەيتىنبۇرنىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمنى شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار ئىشلىرى بۆلۈمنىڭ رەئىسى روشەنگۈل خانىم تەشكىللىگەن. قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا جانان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مىزانگۈل ئاۋامىسىموۋا خانىمنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، گۈلزۆھرە خانىمغا قازاقىستاندا خىزمەتتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن خىزمەتچىلەرگە تەقدىم قىلىدىغان ئالىي مۇۋەپپەقىيەت ئوردېنى تەقدىم قىلغان.

گۈلزۆھرە خانىم ئىلگىرى قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىدە قارىغا ئېتىش تۈرىنىڭ بىر بولغان مىلتىق ئېتىشنى مەشىق قىلغان. 2001-يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى 17 كۈندە يۈگۈرۈپ كېسىپ ئۆتۈشتەك سۇنماس روھىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جېننىس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇ خەلق ئىچىدە «قۇملۇق قىزى» دەپ نام ئالغان. گۈلزۆھرە خانىم كېيىن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ساھەسىدە بەلگىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

يازغۇچى ئوبۇلھاشىم قاسىم ئۇنى خاتىرىلەپ «تەكلىماكان مەلىكىسى گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللاھ» ناملىق كىتابنى يازغان بولۇپ، يېقىندا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 233 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2024 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق