پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى پارتىيە بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللانغان.

بۇ ھەپتە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى رىچ تورېس دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئاۋرىل ھېينېسقا كەسكىن سۆزلەر بىلەن مەكتۇپ يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە دوكلات سۇنالمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ھېينېسنىڭ باياناتچىسى ۋىچ تورېسنىڭ مەكتۇپنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

25-سېنتەبىر ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا سۇنۇلغان بىر قارارنى ماقۇللاپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىنى توختىتىشقا قىستىغان.

بۇ ھەقتە سۆز قىلغان رىچ تورېس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقىنى، ئارقىدىنلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇ رەسمىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «مەن پۈتۈن فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ ھەيران قالارلىق سۈكۈتىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش تەپتىشىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئاشكارا دوكلات تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر دوكلات ئەسلى بۇ يىل 6-ئايدا ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرىدىن بولغان رىچ تورېس 25-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پارلامېنتى ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن كۆپلىگەن مەخپىي ۋە ئاشكارا دوكلاتلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇ دوكلاتلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغان.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى جىددىي بىر مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تورېس بۇ دوكلاتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبى مۇرەككەپ گېئوپولىتىكىلىق ئامىللار، دەپ قارىغان.

ۋىچ تورېس بۇ ھەقتە يەنە: «بىز بۇنى بىر ۋاقىتلىق گېئوپولىتىكىلىق تەدبىر دەپ ياكى بۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ، قاتتىق سەزگۈر نۇقتىلىرىغا چېقىلىپ قويىدۇ دەپ، بۇ مەسىلىنى مۇنداقلا يوشۇرۇپ قويالمايمىز» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن ئاز ساندىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر كۆپ سانلىق ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن بىر قانچە قارار ماقۇللانغان. بۇ قارارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان شىركەتلەردىن مەبلەغنى چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى يېقىنلاشقانسېرى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

خەۋەردە پارلامېنتتىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئەمما ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان خىتايغا قانداق قىلىپ ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەنلىكى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىسە، دېموكراتچىلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنى دىپلوماتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 218 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2024 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق