خىتاي ئامېرىكىنىڭ مودا كىيىم شىركىتى PVH نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ مودا كىيىم-كېچەك شىركىتى PVH نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشى سەۋەبلىك، مەزكۇر شىركەتنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 24-سېنتەبىر Calvin Klein ۋە Tommy Hilfiger نىڭ ئانا شىركىتى بولغان PVH شىركىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ بازار سودا پىرىنسىپىنى بۇزغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا PVH شىركىتىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا قوللانغان ھەر قانداق كەمسىتىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە بىر باياناتىدا، PVH شىركىتىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» پاختىسى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

PVH شىركىتى ئورگان تور بېتىدىكى بىر باياناتىدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار قانۇنلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. PVH شىركىتى يەنە خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 249 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2024 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق