ئامېرىكا خىتايغا قارشى ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ دېڭىز كۈچىنى ساقلاشقا تىرىشماقتا

خىتاي كەڭ كۆلەمدە پاراخوت ياساۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاراخوتلىرىنى رېمونت قىلىش ئارقىلىق دېڭىز كۈچىنى ساقلاشقا تىرىشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئون يىللاردىن بۇيان تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمران ئورنى نۆۋەتتە بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كېمىسازلىق سانائىتى تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن. پۈتۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بەزى سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئامېرىكىنىڭ پاراخوت ياساش زاۋۇتلىرىدا رېمونت قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پاراخوتلارنى ۋە ماتروسلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېچىكتۈرۈشلەر ئامېرىكىنىڭ كۈچ كۆرسىتىش ۋە توقۇنۇشنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرغان. بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق خىتاي مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋاتقان رايونلاردا بۇ ئەھۋاللار گەۋدىلىك بولغان.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ياپونىيەنىڭ كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنى چوڭ تۈردە رېمونت قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش پىلانى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان.

ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى رام ئېمانۇئېل بۇ تەكلىپنىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ بۇ رايوندا قېلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئېمانۇئېل ئامېرىكا ئاۋازىغا: «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بىزگە نىسبەتەن مېھمان مەيدان ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئىتتىپاقداشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ساھىبخان مۇسابىقە مەيدانىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ» دېگەن.

بۇ مۇزاكىرىلەر ياپونىيەنىڭ ئون يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىقپەرۋەرلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ رايونلۇق بىخەتەرلىك رول ئېلىشقا ئۆزگىرىشىدەك يۈزلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 253 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2024 11:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق