خىتاي بۇ يىل 60 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا. جۈملىدىن، خىتاي بۇ يىل تۆمۈريول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان 60 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنى خىتايغا توشۇپ كەتكەن.

خىتاي تۆمۈريول گۇرۇھى ئۈرۈمچى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 18-سېنتەبىرگىچە تۆمۈريول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى خىتايغا توشۇش مىقدارى 60 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51 ئاشقان. بۇ يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرى 105 مىليون توننا كۆمۈر توشۇغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى خىتايغا توشۇش مىقدارى 60.166 مىليون توننا بولۇپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە رايون ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچلۈك رول ئوينىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى خىتايغا توشۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، قاتناش يوللىرىدىكى ئۇلىنىش پويىزلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، نورمال ھالەتتە 10 مىڭ توننىلىق پويىزلارنى قاتنىتىش، كۆمۈر كانلىرىغا قەدەر تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيەسىنى ياساش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.

بۇ يىلدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرىنى خىتايغا توشۇش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 3422 ۋاگون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.7 ئاشقان. توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈرى بىلەن خىتاينى تەمىنلەش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلگەن. بۇ توشۇش زەنجىرى ئەسلىدىكى خىتاينىڭ گەنسۇ، سىچۈەن، يۈننەن، چىڭخەي ۋە نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھالقىپ، خۇبېي، خۇنەن ۋە خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەن.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئېرىشكەن، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەستىن، نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2024 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق