ئەردوغان: ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا يېتەرسىز، پاسسىپ بىر قۇرۇلمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدا قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغان 24-سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئۇزۇن كۈرەشلەر نەتىجىسىدە پەلەستىننىڭ ۋەكىلىنىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تارىخىي قەدەمنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان باشقا دۆلەتلەرنى بۇ جىددىي مەزگىلدە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، پەلەستىن دۆلىتىنى دەرھال ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمەن» دېگەن.

پىرېزىدېنت ئەردوغان يەنە تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارغانسېرى جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ ئۈلگىلىك بىر ھەمكارلىق مودېلى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، كۈچلۈك تارىخىي، مەدەنىي ۋە ئىنسانىي باغلىنىشىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، خىتاي بىلەن يېقىن دىيالوگ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 131 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2024 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق