ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رايوندىكى ئۇرۇش خەۋپىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئوتتۇرا شەرققە ئاز ساندىكى زاپاس ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پات رايدېر 23-سېنتەبىردىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئاز ساندىكى قوشۇمچە ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.

رايدېر مۇخبىرلارغا بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر پىلانلاش ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى ياردەم تەلەپ قىلسا، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ ھەر خىل كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ئالىي ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىغا قوشۇمچە ئەسكەر سانىنىڭ نەچچە ئون چىقىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ رايونلۇق ئۇرۇش پارتلىغان ئەھۋالدا، ئارمىيەنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تېخى ئارمىيەنىڭ پۇقرالارنى چېكىندۈرۈشكە ياردەم بېرىشى زۆرۈر بولغان دەرىجىگە يەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

باشقا بىر ئەمەلدار ئامېرىكا ئاۋازىغا ئەگەر چېكىنىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدىغان دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى سەزگۈر دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك، ئىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2024 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق