مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي خاككېرلىرى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، شىركەت تورلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، ئۇل ئەسلىھە ۋە شىركەت-كارخانا تورلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى، ھەممە يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاي كوممۇنىست رېجىمى قوللىغان، دۇنيا مىقياسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىگە تەسىر كۆرسەتكەن بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنى پاش قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، خاككېرلارنىڭ ئاممىۋى ئۈسكۈنىلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ قىيىن ئىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقان بولۇپ، ئاللىقاچان سىستېمىلاشقان ھەرىكەت ئۇسۇلى شەكىللەندۈرگەن.

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىستوفېر راي 18-سېنتەبىر فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىجرائىيە ئورگانلىرىنىڭ «زىغىر بورىنى» ناملىق خىتاينىڭ چوڭ تىپتىكى خاككېرلار گۇرۇپپىسىنى پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى، ئېلېكتىر تورى ۋە قاتناش سىستېمىلىرىغا بۆسۈپ كىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى خەتەرلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەرنى، جۈملىدىن روتېر، فوتو ئاپپارات، رەقەملىك كامېرا ۋە تور دىسكىلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، چوڭ كۆلەملىك يۇقۇملانغان كومپيۇتېر تورى بەرپا قىلىش ئىكەن.

فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ گۇرۇپپىنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ بېيجىڭغا جايلاشقان يوڭشىن جىچېڭ تېخنىكا گۇرۇھى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

شۇ كۈنى ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەنىڭ تور ئىشلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدارلىرىمۇ يوڭشىن جىچېڭ تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ بىر قاتار زىيانلىق تور ھەرىكەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ يىل 6-ئايغىچە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 250 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مۇتەخەسسىسلەر «زىغىر بورىنى»نىڭ ئاساسلىقى زىيانلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىش ئارقىلىق، كومپيۇتېر كامېراسى ياكى بەزى رەقەملىك ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىدىكى يوچۇقلارنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇم نىشانى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشقا يەنە ئاخبارات ئورگانلىرى، مەكتەپ قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا شەخسىي ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

نۆۋەتتە كۆپىنچە دۆلەتلەر مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، كىچىك-ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى نىسبەتەن ئاجىز ئىكەن. خىتاينىڭ خاككېرلىق گۇرۇپپىلىرى بولسا بۇ جەھەتتىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلغان.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 84 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2024 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق