خىتايغا قارشى تۆت تەرەپلىك ئىتتىپاق تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇلدى

خىتايغا قارشى تۆت تەرەپلىك ئىتتىپاق مېخانىزمى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە بۇ جەھەتتە ئىتتىپاقىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە.

ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق كۈچىيىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى يېقىندا ئاخىرلاشقان، يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى قېتىملىق «تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك سۆھبىتى باشلىقلار يىغىنى»دا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قەتئىي ۋە ئېنىق ۋەدىلەرنى بېرىشكەن، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق مېخانىزمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-سېنتەبىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن دېلاۋېر ئىشتاتىدا ۋەزىپە مۇددىتىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك سۆھبىتى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن دېڭىز بىخەتەرلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىقلىم ۋە ساغلاملىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «تۆت تەرەپلىك سۆھبەت ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك بىرلىككە كېلىندى. بۇ تەشكىلات كەلگۈسى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىننىڭ مەزمۇنى خىتاي تەھدىتىگە مەركەزلەشكەن. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان «ۋىلمىڭتون خىتابنامىسى»دە گەرچە خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق جايلاردىكى كەسكىن ۋەزىيەتكە ئالاقىدار مەزكۇر خىتابنامىدە ئىشلىتىلگەن سۆز-ئىبارىلەر ئىلگىرىكى باياناتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بولغان.

باياناتتا: «بىز دېڭىز ساھىلى ساقچى قىسىملىرىنى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى پاراخوتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قىلىنغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى، جۈملىدىن بارغانسېرى خەتەرلىك بولۇۋاتقان مەشغۇلاتلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 104 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2024 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق