خىتاي پۇقرالىرىنى ئىسرائىلىيەدىن تېزلىكتە چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدا لىۋان ھىزبۇللاھ پارتىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى رايوندىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئىسرائىلىيەدىكى پۇقرالىرىنى تېزدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-سېنتەبىر كەچتە، خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسى بىر باياناتىدا: «ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېزدىن خىتايغا قايتىشى ياكى بىخەتەر جايغا بېرىپ پاناھلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەن ئۇچۇرنى يازغان. ئەلچىخانا باياناتىدا يەنە: «ھازىر ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ چېگرا ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىي بولۇپ، ھەربىي توقۇنۇشلار كۆپ يۈز بەرمەكتە. ئىسرائىلىيەدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ يەنىلا ئېغىر، مۇرەككەپ ۋە مۇقىمسىز» دېگەننى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى «ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش»كە چاقىرىپ كەلگەن. بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئىپادىسىدىكى ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن.

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى ھىزبۇللاھنىڭ لىۋاندىكى ئورۇنلىرىدا كۆپلىگەن پارتلاشلار يۈز بېرىپ، 39 ئادەم ئۆلگەن ۋە 2931 ئادەم يارىلانغان. بۇ پارتلاشلارنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2024 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق