خىتاي ئەمەلدار: نىزامىمىز ياپونلارنى ئۆلتۈرۈش

ئون ياشلىق بىر ياپونىيەلىك ئۆسمۈرنىڭ خىتايدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشى كىشىلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ياپونلارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى ئۆچمەنلىككە تولغان ئۇچۇرلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا سىچۈەن ئۆلكىسىگە تەۋە شىنلۇڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خۇاڭ رۇيىنىڭ «بىر بالىنى ئۆلتۈرگەنلىك قانچىلىك چوڭ ئىشتى... گۇناھسىزلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرگەن ئىش يوقكەن، ئۆلتۈرگىنى پەقەت بىر پەس ياپون بالىسى ئىكەن... بىزنىڭ نىزامىمىز ياپونلارنى ئۆلتۈرۈشتۇر» دېگەندەك ياپونلارغا قارشى ئۆچمەنلىككە تولغان سۆزلىرى تارقالغان. بۇ سۆزلەر كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بۇ ئىشنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ۋە بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ئورگىنى سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تورلاردا تارقالغان بىر ئېكران كۆرۈنۈشىدە، خۇاڭ رۇيى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مەلۇم ئۈندىدار توپىدا يۇقىرىقىدەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سۆزلەرنى يازغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاشكارا ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوخشاش ئىسىملىك بىر خىتاي سىچۈەن ئۆلكىلىك يېزا ئېنېرگىيە تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنلۇڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىكەن. فېڭخۇاڭ تورى بۇ ھەقتە سىچۈەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر توردا تارقالغان سۆزنى قىلغۇچىنىڭ دەل مۇشۇ خىتاي ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 41 ياشلىق مەزكۇر خىتاي ئەمەلدار يەنە ئاممىباب تارىخ يازغۇچىسى ئىكەن.

18-سېنتەبىر خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە 10 ياشلىق ياپونىيەلىك بىر ئوغۇل بالا ياپونىيەلىكلەر مەكتىپى سىرتىدا 44 ياشلىق بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بۇ ۋەقەگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2024 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق