ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى قاتتىق كەسكىنلەشتى

خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە ياپونىيەلىك بىر ئۆسمۈرنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتايدىكى ياپونىيەلىكلەر ئەندىشىگە چۈشكەن. ياپون كارخانىلىرىمۇ خىتايدىن چېكىنىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-سېنتەبىر خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە 10 ياشلىق ياپونىيەلىك بىر ئوغۇل بالا ياپونىيەلىكلەر مەكتىپى سىرتىدا 44 ياشلىق بىر خىتاي تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ياپونىيە باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە خىتايدىكى ياپونىيە جامائىتىنىڭ ۋەھىمىگە چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان. بەزى ياپون شىركەتلىرى بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شېنجېندا بەش يىل ياشىغان بىر ياپونىيەلىك تىجارەتچى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شېنجېندا بۇنداق قورقۇنچلۇق ۋە رەھىمسىز ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇخبىرغا: «بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، شېنجېننى ناھايىتى تىنچ شەھەر دەپ ئويلايتتىم، بولۇپمۇ (ياپونىيەلىكلەر مەكتىپى جايلاشقان) رايوننى ئەڭ باي ۋە بىخەتەر جاي دەپ قارايتتىم. شۇڭا بۇ قېتىمقى ۋەقە مېنى ۋە شېنجېندا ياشاۋاتقان ياپونىيەلىكلەرنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. بۇ ۋەقە مېنىڭ روھىي ھالىتىمگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ياپونىيە شىركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن خىتايغا كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى شنجېننىڭ تىجارەت ساھەسىدىكى ئاۋاتلىقى ۋە پۇرسەتكە تولغان جەنۇبىي شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 2019-يىلى يالغۇز شېنجېنگە كېلىپ تىجارەت باشلىغانلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا بۇ يەرنى ئەركىن ھەم بىخەتەر شەھەر دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۇنىڭ ئىشەنچىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوكو كامىكاۋا كەم ئۇچرايدىغان قاتتىق باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى «پەسكەشلىك» دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاي تەرەپتىن بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ئوكانو ماساتاكا جىددىي ھالدا خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋنى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە چاقىرتىپ، ۋەقەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي تەرەپتىن ياپونىيەلىكلەر مەكتىپىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۈچلۈك ئىنكاسى ۋەقەنىڭ جىددىيلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان تەسىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. باش ۋەزىر ۋە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ «پەسكەشلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشى ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

بۇ ۋەقە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كەسكىنلىكنى كۈچەيتىپ، خىتايدىكى ياپونىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەملىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 91 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2024 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق