ژۇرنالىستلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن جەم بولدى

تۈرك ۋە ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇخبىرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىرىنچى قول مەنبەدىن كۆزىتىشنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

پائالىيەت ئالاقە مۇنبىرىنىڭ قوللىشى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 21-سېنتەبىر فاتىھ نەسلىشاھ سۇلتان مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىلىشقا ئوخشىمىغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن 40 تىن ئارتۇق ژۇرنالىست قاتناشتى.

يىغىلىشتا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇخبىرلاردىن بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۈممەتنىڭ مەسىلىسى سۈپىتىدە تونۇشى كېرەكلىكىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشىنى تەتۈر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوق دەپ قارىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئالاقە سۇپىسى رەئىسى يۈسۈپ زىيا چاتاكلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلانغان ۋە قاناۋاتقان ئىككى يارا ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدا يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئېغىر باستۇرۇش ئىچىدە قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تارقىتىش بۆلۈمى مەسئۇلى، دىكتور مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر، ئىپادە ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىنىڭ قەتئىي يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان تولۇق مۇستەقىل مەتبۇئات-نەشرىيات ئورگىنىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قانچىلىك ئىگىسىز ۋە ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملىرى، شىكايەتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ئىستىقلالنى ئوچۇق-ئاشكارا نىشان قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن چەت ئەلگە ئۇزارغان قارا قولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئىستىقلالنىڭ قاتمۇ قات توسالغۇلارغا قارىماي داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ساھەدە بارلىق ئاخبارات خادىملىرى بىلەن تۈرلۈك ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتچىلىرىدىن فەيزا پىنار قىلىچ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 82 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2024 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق